ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕﺋﺎﺋﯩﺰ ﺋﻪﻟﻘﻪﺭﻧﻰﺋﻪﺭﻩﭘﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ: مةھزۇنئەتتىگەن بامدان نامازغا ئەزان ئۇقۇلدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەسجىدكە باراي دەپ نىيەت قىلىپ بولغۇچە شەيتان يېنىمغا كەلدى-دە، ئارىمىزدا تۆۋەندىكى سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتتى.شەيتان: كىچە تېخى ئۇزۇن، ئۇخلاۋەر.مەن: پەرىز ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەيمەن.- بامدات ۋاقتى ئۇزۇنغۇ!- جامائەت بىلەن بىللە ئۇقۇياي دەيمەن.- ئۈزۈڭگە ئۇنداق چىڭ تەلەپ قويما.شۇنداق قىلىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ بولغۇچە كۈن چىقىپ قاپتۇ. شەيتان يەنە ئاستا پىچىرلاپ:- ئەپسۇسلانما ... بۈگۈن تېخى ساق بىر كۈن ۋاختىڭ بار دېدى.ناماز قىلالمىغان بولساممۇ كۈندۈلۈك دۇئا-زىكرلىرىمنى ئۇقاي دەپ ئولتۇرغان ئىدىم ئۇ يەنە كەلدى. مەن:- دۇئا قىلغىلىمۇ قويمامسەن دېدىم. ئۇ:- كەچتە قىلساڭ ياخشى دېدى.تۆبە قىلاي دەپ تۇرسام:- ياشلىقىڭدا ئوينىۋال دېدى.- كەچكىچە ئۆلۈپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن.- ئۇنداق ئاسان ئۆلۈپ كەتمەيسەن.- بىردەم قۇرئان تىڭشاي.- ناخشا تىڭشا.- ناخشا ھارام.- ياق، كۆڭۈلگە ئارام.قىزلار ئۆتكەندە سەپسېلىپ قارىمىدىم. ئۇ:- قاراپ قويساڭ نىم بۇپتۇ.- كۆزۇڭلارنى يۇمۇڭلار دېگەن ئاللاھ.- ئاللاھنىڭ گۈزەل يارالمىشى دەپ بىلىپ قاراۋەر.كەبىنى تاۋاپ قىلاي دەپ سەپەرگە چىقتىم، ئۇ يەنە يولدا ئۇچىراپ:- سەپەر قاياققا.- ئۆمرە ھەجگە.- ئۆمرۈڭ بىلەن ئوينىشىۋاتىسەن.. خەتەرلىك يول بۇ. بۇنىڭسىزمۇ ياخشى ئىشلار نۇرغۇنغۇ.- بۇ تېخىمۇ ياخشىسى.- بۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرەمە دەمسەن؟- بۇمۇ ئىبادەت ساۋاپ بار.- ساۋاپ تېپىپ بولغۇچە، پالانى ھاجىم دەپ شۆھرەتكە ئېرىشىسەن، شۆھرەت يامانلىقنىڭ باشلىنىشى.- سېنى ئازدۇرىمەن دەپ مەن بىلەن بۇنداق گەپ تالاشما، سەندىن بەزى ئىشلارنى سوراپ باقاي.- سوراۋەر.- توردا سېرىق بەتلەر كۆپىيىپ قالدى بۇنىڭغا قانداق قارايسەن.- ئۇ بەتلەر بىزنىڭ شەرىئىتىمىز.- توردىكى چايخانىلارچۇ؟- ئىنسانلارنى چايخانىدا ھايۋان قىلىپ يىتىشتۈرىمىز.- ئىنسانلار قانداق ئازىدۇ؟-شەھۋانىيلىق، ئۇيۇن-تاماشا، قۇرۇق ئارزۇ-ئامان، خام-خىياللار بىلەن.- ئەمەلدارلارچۇ؟- قانخورمارلىق، ئالىملارنى خارلاش، نادانلارنى ماختاش بىلەن.- ئاياللارچۇ؟- ياسىنىش، يالغۇز سەپەرلەرگە چىقىش، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش بىلەن.- ئالىملارچۇ؟- شۆھرەتپەرەسلىك، مەغرۇر، ھەسەت بىلەن.- خەلقچۇ؟- غەيبەت، چېقىمچىلىق ۋە بېھۇدە سۆز، بېھۇدە ئىش.- سودىگەرلەرچۇ؟- جازانە، ئىسراپ ۋە زاكات-سەدىقە بەرمەي.- ياشلارچۇ؟- ھېسسىيات، ئىشىق-مۇھەببەت، ھۆكۈملەرنى كۆزگە ئىلماي ھارام ئىشلارنى قىلىش بىلەن.- ئىسرائىلىيەگە قانداق قارايسەن؟- تىلىڭنى تارت، غەيۋەت قىلما، ئىسرائىلىيە دېگەن ناھايىتى سۈيۈملۈك، كۆڭۈللەرگە يېقىن ياخشى بىر دۆلەت.- ۋاشىنگىتونغىچۇ؟- سۆزلىرىم ۋاشىنگىتوندا ياڭراڭدۇ، ئۇ ئەسكەرلىرىمنىڭ قارارگاھى ۋە مىنىڭمۇ ۋەتىنىم.- سادامغا قانداق قارايسەن.- جېنىم، قېنىم ساڭا پىدا سادام ئالىيلىرى.- موللاملارغا قانداق قارايسەن.- مىنى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقان، مىنى كىچە-كۈندۈز ئازاپلاۋاتقان، مەن بىرمۇ-بىر قۇرۇپ چىققاننى يىقىپ تاشلاۋاتقان، ناخشا ئېيتسام قىرائەت قىلىۋاتقان، يېنىغا كەلسەم ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم دەيدىغانلار دەل شۇ موللىلار.- ھازىرقى ئاخباراۋاستىلىرىغا قانداق قارايسەن.- كىيىنكىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايا قىلىمىز، پۇل-ماللىرىنىمۇ چۆنتىكىدىن چىقىرىمىز.- Bbc قانىلىغىچۇ غىچۇ؟- ئاققا قارىنى ئارلاشتۇرۇپ، ئەرەب بىلەن ئەرەپنى سۇقۇشتۇرىمىز، مەزلۇمنى قويۇپ زالىمغا يانتاياق بولىمىز.- ھاراق ئىچىدىغانلارغا نىمە دەيسەن.- ئۈزۈم سۈيىنى ئىچىۋەرسەڭ. غەم-قايغۇلىرىڭنى يۇقىتىدۇ، ئىچىپ بولۇپ تۆبە قىلۋالساڭلا بولدى.- سىنىڭ قاتىلىڭ نېمە؟- ئايىتەلكۇرسى. بۇنى ئاڭلاپ بولغۇچە ئىچىم قاتتىق سىقىلىپ كىتىدۇ.- قانداق كىشىلەرنى ساڭا بەك ياقىدۇ؟- ناخشىچىلار، ئازغۇن شائىرلار، گۇناھ-مەئسىيەتلارنى قىلىدىغانلار ۋە ھەرقانداق پەسلىكلەرنىڭ قۇللىرى.- قانداق ئادەملارنى دۈشمەن بىلىسەن؟- مەسجىدكە تۇلا بارىدىغانلار، ئاللاھقا رۇكۇ-سەجدە قىلىدىغان، ئىبادەتخۇمار، تەقۋادار، مۇجاھىدلار.مېنىڭ ئاچچىقىم كىلىپ: ئەئۇزۇبىللاھى مىنكە، (ئاللاھقا سېغىنىپ سەندىن پاناھ تىلەيمەن، ياپاناھ..) دېۋىدىم ئۇ زېمىنغا كىرىپ كەتكەندەك يۇقاپلا كەتتى... ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻛﺎﺯﺯﺍﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﯨﺴﯩﻰ......
2007/12/01
2007/06/07
assalamu alaykum ~!
assalamu alaykum dostum yahximusiz ~ !bu mining birinqi ketimlik hatram ,hatirg yezhxtin mahsqt tehimu yfhxh bolgan asta saklax unumhga irixix. buning maga tasir kilgan ixlfrni asta saklap tajrhbg sawakka irixix ka yardimi buluxni umit kilimgn~~~!!
THE END
THE END
2007/01/22
订阅:
帖子 (Atom)